خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان كىنو-فىلىملەر داۋاملىق ئىشلەنمەكتىكەن
2016.12.11
ئىگىلىنىشىچە، چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىم-«ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جىددىي سۈرەتكە ئېلىنماقتىكەن.
خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەشتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىلەن شىنجاڭ داسېن مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ھەمكارلاشقان بولۇپ، بېيجىڭدىكى داڭلىق خىتاي رېژىسسورى يەن چىڭشيۇ رېژىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان.
مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئانارخان»، «ئۆرۈك چېچەكلىگەندە»، «مېنىڭ بايرىقىم»، «شۇنداق بىر گۈل بار» قاتارلىق تېلېۋىيە تىياتېرلىرى بىلەن كىنو فىلىملەر ئىشلىنىپ، خىتاي كىنو بازىرىغا سېلىنغان. مەزكۇر فىلىملەرنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش ۋە مونتاژ تېخنىكىسىدا ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەزمۇنىدا يەنىلا روشەن سىياسىي تەشۋىقاتچىلىق مەزمۇنلىرى ئورۇن ئالغان ئىكەن.
«ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق بۇ چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمدە سەنئەت ساھەسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۈلمىرە مۇھەممەت بىلەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىسى ئۈمىد ئوبۇل باش رول ئالغان ئىكەن. فىلىمدە ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «زامانىۋىي ھايات ۋە ياشلاردىكى ئىلغار ئىدىيە» تەشۋىق قىلىنغان ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلى گەرچە ئۆزىدىكى سەنئەت بايلىقى ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى بىلەن تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىپ ئىشلەۋاتقان كىنو-فىلىملەرنىڭ كۆپىنچىسىدە سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ئاساسىي مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.









