ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا سىستېمىلىق ھالدا بەرپا قىلىنغان غايەت زور نازارەت مېخانىزىمىنىڭ ماھىيەتتە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىش ۋە لاگېرلارغا قاماپ جىسمانىي خورلۇققا مەھكۇم قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەردىن بېشارەت بولۇۋاتقانلىقى ئىزچىل مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە. يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېرنىڭ «نەزەر» ژۇرنىلىدا 28-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇشۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي شەرھلەندى.
دەررېن بايلېر بۇ قېتىم قازاقىستاندا ئۆزى بىۋاسىتە سۆھبەتتە بولغان چولپان ئامىركېن ئىسىملىك قازاق ئايالنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئومۇمىي نازارەت مېخانىزىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. شۇ قاتاردىكى ھادىسىلەردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دائىملىق رەۋىشتە كىشىلەرنىڭ تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، كىشىلەرنىڭ يانفون ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان ئىسلام تېمىسىدىكى يازمىلارنىڭ سانى بەشتىن ئاشقانلىرىغا «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» بويىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىش، بەشنىڭ ئاستىدىكىلىرىنى «قايتا تەربىيەلەش» كە يوللاش، شۇنىڭدەك ئىسلام ھەققىدىكى ھەرقانداق يازمىنىڭ «تېررورلۇق» قا باغلىنىدىغانلىقى ھازىر ھەممىگە مەلۇملۇق ساۋاتقا ئايلىنىپ قالغان.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئاتمىش يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا «ئاپتونومىيە» شەكلىدە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىلىكتە «غەربنى زور كۆلەمدە ئېچىش» تىن كېيىنكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى باھانىسىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەردىكى ئىسلام دىنىغا باغلىنىشلىق بارلىق مەزمۇنلارنى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» شەكلىدە يوقىتىشقا كىرىشكەن. بۇ خىل «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» قىلمىشلىرىنى بىخ ھالىتىدە بايقاش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىش بەدىلىگە نازارەت سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان يېڭى سانائەت يۈزلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن 2016-يىلىنىڭ ئۆزىدە 52 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھەمدە «ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئىپادىسى» بايقالغان كىشىلەرنى ئالدى بىلەن كۆزىتىش نىشانى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن كامېرا ئورنىتىلمىغان ھېچ بۇلۇڭ قالمىغان، بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى ئېلىنمىغان ھېچكىم قالمىغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەرپا قىلغان «بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» ئەنە شۇ خىلدىكى كۆپ قاتلاملىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ يادروسى بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتى ھەرقاچان ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولۇش تولۇق ئىشقا ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە «خىتاي چوڭ ئاكا» لارنى «تۇغقان بولۇش» شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسانلا «ئىشەنچسىز» كىشىلەرنى بايقىيالايدىغان ھەمدە ئۇلارنى لاگېرغا يوللىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. بۇنىىڭ بىلەن 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 340 مىڭ كىشى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مىليونلارچە كىشى بولسا لاگېرلارغا يوللانغان.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىدا ئوتتۇرىغا چىققان «شىنجاڭنىڭ بۈگۈنى خوڭكوڭنىڭ ئەتىسىدۇر» دېگەن شوئارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق خىتايدىن ئۈلگە ئالغان نازارەت مېخانىزىمىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ داۋام قىلىشىغا يەنە سۈكۈت قىلىنسا بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.