خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىدا «شىنجاڭ نېنى»نى قوللىنىشقا باشلىغان

2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ناۋايلىرىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مۇستەقىل يەككە ئىگىلىكى بولغان ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنى ۋەيران قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى ئىنكار قىلىشتا ئۇيغۇر نانلىرىنى قوللىنىشقا باشلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، دائىرىلەر 5-نويابىر باشلانغان شاڭخەي خەلقئارا يەرمەنكىسىدە «شىنجاڭ ئۇنى»دا ياسالغان ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ ئۈستىگە پىشلاق، گۆش، زىرە قاتارلىق تەركىبلەرنى قويۇپ پىشۇرۇلغان پىشلاق ناننى، فرانسىيە تېخنىكىسى بىلەن «شىنجاڭ يېمىكى» بىرلەشكەن «نان پىتسا» دېگەن نامدا بازارغا سالغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، «خىتاي بىلەن غەربنىڭ بىرىكىمىسى» بولغان «نان پىتسا»نىڭ شاڭخەي يەرمەنكىسىنىڭ يېمەكلىك ۋە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدىكى تاماق چولپانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل «نان پىتسا» فرانسىيەنىڭ دۇنيادىكى ئۈڭ چوڭ خىمىرتۇرۇچ ئىشلەپچىقىش شىركىتى بولغان لېسافرې (Lesaffre) بىلەن شىنجاڭ يەر شارى زەنجىرسىمان يېمەكلىكلەر شىركىتى بىرلىشىپ بازارغا سالغان ئىكەن.

بۇ مەھسۇلات بەزى چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشتا ئۇيغۇرلاردىن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە داڭلىق توۋار ماركىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەشۋىقات ۋىدېيوسى ياكى ئېلان سەنئەت ۋىدېيولىرىنى كەڭ تارقىتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك تەسىرات پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ۋاقىتتا، بازارغا سېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر ناۋايلىرىنى كوللېكتىپ نىشانغا ئالغان. تۇتقۇندا مىڭلىغان ناۋايلار لاگېرلارغا قامىلىپ، كېيىنرەك ھەرقايسى جايلاردا يېڭى قۇرۇلغان نان زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ناۋايلىق قىلىشقا يۆتكەلگەن ئىدى.