«تىنچ ئوكيان ئۆلچىمى» ژۇرنالى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنى تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-04-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «تىنچ ئوكيان ئۆلچىمى» ناملىق ژۇرنال بۇ نۆۋەتلىك سانىدا ئىستانبۇلدا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنى تونۇشتۇردى.

ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش تېمىسىدا يېزىلغان بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى لاگېرلار ۋەزىيىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغاندىن كېيىن، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇتلۇق خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ۋە مانا بۇ خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ 2000-يىلى قۇرۇلغانلىقى ھەم نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ھازىرغا قەدەر بۇ نەشرىياتنىڭ 250 چە كىتاب نەشر قىلغانلىقى بايان قىلىنغان بۇ ماقالىدا، خالىدە ئىسرائىل، چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق كۆپلىگەن ئەدىب ۋە شائىرلارنىڭ ئانا تىلدا ئەسەر يازغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ماقالىدا يەنە مەزكۇر نەشرىياتنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ۋە ۋەزىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

ماقالىدا دېيىلىشىچە، ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، 20 نەچچە يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن 3 ئاچىسى بىلەن 2015-يىلى تۈركىيەدە بىر كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن؛ بۇ مېھمان قېرىنداشلار ئىككى ئايلىق ساياھەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ توسۇشىغا قارىماي يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن بايان قىلغان ئاندۇجېلىل تۇران ئەگەر ۋەزىيەتنىڭ بۇ دەرىجىدە يامانلىشىپ كېتىشىنى بىلگەن بولسا، ئەينى چاغدا ئاچىلىرىنىڭ قولىدىكى پاسپورتلىرىنى يىرتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

2008-يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنىۋاتقان «تىنچ ئوكيان ئۆلچىمى» ژۇرنىلى ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ئېكولوگىيە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى يىرىك تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بىلەن نام قازانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت