خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىگە نوپۇس قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرغان

2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ۋە 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئ‍ۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە يۇرتىغا قايتۇرۇپ تۇتقۇن قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىگە نوپۇس قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. «بىڭتۇەن خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 20-مارت كۈنى ئ‍ۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوپۇسقا تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، نوپۇسقا ئورۇنلىشىش قاناللىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن، شەرت-شارائىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ سىياسەتنىڭ ئۈرۈمچىگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2018-يىلى چىقارغان «نوپۇس ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش سىياسىتى» ئاساسىدا تۈزۈلگەن. «بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدىكىلەر، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرى، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ سالغۇچىلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، يەرلەشمەكچى بولغانلار، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئۆزلىرى، جۈپتى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئىلتىماس قالالايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا باشقا يۇرتلاردىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە يۇرتلىرىغا قايتۇرغان. 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىمۇ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يۇرتىغا قايتۇرۇپ، يۇرتىدىكى لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ تۇتقۇندا يۇرتىغا قايتۇرۇلغان نۇرغۇن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.