خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدىكى بايانلىرى قىرغىنچىلىقنى ئاشكارىلاپ قويغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.05.20

يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستۇتى ئېلان قىلغان «يېڭىدىن پىلانلىنىۋاتقان ئائىلىلەر» ناملىق دوكلاتتا ئۆتكەن ئۈچ يىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 50 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكى كۆپلىگەن پاكىتلار بىلەن شەرھىلەنگەن ئىدى. تاشقىي دۇنيا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالىقاچان قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

ئامېرىكادىكى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيسى خېلېن رېيلىي ئىمزاسىدا «فېدېرالىستلار» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتمۈشتىكى «پىلانلىق تۇغۇت» كونتروللۇقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە خىتاي ئائىلىلىرىنى كۆپلەپ بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە ئىكەن. ئەمما بۇ ھال ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە تەتۈرىگە يېنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشنىڭ تۈرلۈك چارىلىرى ئىجرا قىلىنغان. ئاپتور دوكلاتتىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە دائىر «قانۇنسىز تۇغۇتقا زەربە بېرىش»، تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدە كۆرۈلگەن بۇ خىل غايەت زور تۆۋەنلەشنىڭ ئەمەليەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا مەلۇم بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق «بەختىيار» تۇرمۇشقا ئىگە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بالا تۇغۇش ماشىنىسى» بولۇشتىن خالاس بولغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قانچىلىك بوۋاقنى ئاز تۇغقانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان ئىكەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ: «جوۋ بايدېن ئىزچىل ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەركەتكە ئۆتىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى،» دەپ كۆرسىتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.