خىتايلارنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كېمەيگەنلىكى تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.09.04

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا تۈرلۈك قەبىھ ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلىشىنى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان ئىدى. 3-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ مەسىلىگە قايتۇرغان ئىنكاسى سۈپىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى» تەييارلاپ چىققان «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭ نوپۇسى ھەققىدە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىشى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتى» ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا ئاساسلىقى گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنزنىڭ ماقالىلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى «ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق نەزەرىيىسىنى تەرغىب قىلماقچى بولغان» دەپ تەنقىدلىگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ئەمەلىيەتتە ئىزچىل كۆپىيىش ھالىتىدە بولۇپ كەلگەن، دېگەننى ئالغا سۈرگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 2018-يىلىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ، 2017-يلىغا قارىغاندا شۇ يىلى 120 مىڭ بوۋاقنىڭ كەم تۇغۇلغانلىقى ئېيتىلغان. شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سۆز قىلىپ «ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ھەمدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش چۈشەنچىىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسى» دېيىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن كۆپلىگەن شاھىتلار خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن تۈرلۈك تېببىي ۋاستىلارنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېببىي ۋاستىلار ئارقىلىق قىرغىنچىلىق قىلىشتەك قەبىھلىكىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ‹كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس› دېگەندەك بىر ئىش. خىتاي بۇنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.