خىتاي «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-09-27
Share

خىتاي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 26-سىنتەبىر كۈنى «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان. بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى، شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىدىكى رېئاللىقنىڭ مۇقەررەرلىكى، شىنجاڭدىكى نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى، خىتايغا قارشى چەت ئەل كۈچلىرى كۆتۈرۈپ چىققان بىر نەچچە مەسىلە ھەققىدە» دېگەن بابلار بويىچە بايان قىلىنغان.

بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە خىتاي يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ «2000 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەنلىكى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى» نى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.

خىتاينىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ نوپۇسى 1800 يىلدىن بۇيان بىر مىليوندىن ئېشىپ باقمىغان بولۇپ، 1762-يىل شىنجاڭدا ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى قۇرۇلغاندا، ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئاران 300 مىڭ ئادەم قالغانمىش. 1887-يىلدىكى شىنجاڭ نوپۇسى 1 مىليون 839 مىڭ بولۇپ، 1949-يىلى 4 مىليون 333 مىڭغا يەتكەن. خىتاينىڭ 1964-يىلدىكى ئومۇمىي نوپۇس تەكشۈرۈشىدە شىنجاڭ نوپۇسى 7 مىليون 270 مىڭ، 1982-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە 13 مىليون، 1990-يىل 15 مىليون، 2000-يىل 18 مىليون، 2010-يىل 21 مىليون، 2020-يىل 25 مىليون ئەتراپىدا بولغان. يىللىق نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى تەخمىنەن بىر پىرسەنتتىن 3 پىرسەنتكىچە بولغان.

«ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» دېگەن بابتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1953-يىل 3 مىليون 600، 1964-يىل 4 مىليونغا يېقىن، 1982-يىل 6 مىليونغا يېقىن، 1990-يىل 7 مىليون ئەتراپىدا، 2000-يىل 8 مىليون 340 مىڭ، 2010-يىل 10 مىليون ئەتراپىدا، 2020-يىل 11 مىليون 620 مىڭ قىلىپ كۆرسىتىلگەن، «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشى شىنجاڭدىكى نوپۇس تەرەققىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ» دېيىلگەن ھەمدە 8 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئاساسەن جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەتتە ياشايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەمما خىتاي بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا خىتايلارنىڭ 1949-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ تىك سىزىق بويىچە ئۆرلەپ ماڭغانلىقىنى بايان قىلمىغان، پەقەت 2020-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە خىتاي نوپۇسىنىڭ 11 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1950-يىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، 70 يىلدىن كېيىن، (خىتاينىڭ مەلۇماتى بويىچە) 11 مىليونغا يەتكەن.

خىتاي بۇ ئاق تاشلىق كىتابىدا يەنە «خىتايغا قارشى چەت ئەل كۈچلىرى كۆتۈرۈپ چىققان بىر نەچچە مەسىلە ھەققىدە» دېگەن ئايرىم باب ئاجراتقان بولۇپ، يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، نوپۇس تىزگىنلەش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىنى قايتا ئىنكار قىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ بىردەك قارىشىچە، خىتاي بۇ ئاق تاشلىق كىتابىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھەقىقىي دەللىلىمىگىچە، ئىشەنچلىك دەپ قارىغىلى بولمايدىكەن. خىتاينىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى ھەر تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەت ۋە پىلانلىق تۇغۇت ۋاسىتىسى قىرغىن قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى، 2017-يىلدىن بۇيان بولسا سىستېمىلىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان پاكىت ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت