ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور تۇتقۇن ھادىسىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرلىرىنىڭ بىرى بولغان «مەلۇم مىللىي تۈركۈمنىڭ نوپۇسىنى غەرەزلىك ھالدا چەكلەش»، «ھەر خىل ۋاستىلار ئارقىلىق تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش» دېگەن ماددىلىرىنى ئاساس قىلغانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى بۇ جەھەتتە ئاقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا مۇقىم نىسبەتتە كۆپەيگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئىزچىل ۋە مۇقىم كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا، نوپۇس سانىنىڭ ئېشىشى مەملىكەت بويىچە 8-ئورۇندا بولۇپ كەلدى» دېيىلگەن، شۇنداقلا بۇ ساننىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى باشقا «ئاز سانلىق مىللەت» لەرنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقۇرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە پەش قىلىنغان. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2000-يىلىدىكى 8 مىليون 345 مىڭ 600 كىشىدىن 2020-يىلىدىكى 11 مىليون 624 مىڭ 300 كىشىگە كۆپەيگەن. ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %1. 67 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى بولغان %0. 83 لىك سەۋىيەدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.»
ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان لاگېرشۇناس ئالىملاردىن دوكتۇر ئادريان زېنز ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدا ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تىببىي ۋاستىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى 50 پىرسەنتكە يېقىن چەكلىگەنلىكىنى، كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ بەش مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كېمىيىدىغانلىقىنى پاكىتلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» مۇ كۆپ تەرەپلىمە پاكىتلارنى توپلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە زور دەرىجىدە كېمەيگەنلىكىنى سوت ھۆكۈمىدە ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى.
