شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كېمەيتىشنى يەنە تەكىتلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىشىدا تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتۈشى، نۇرغۇن گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024-03-25 -
-
-
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىشىدا تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتۈشى، نۇرغۇن گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغانلىقى ۋە «شىنجاڭ خىزمىتى» گە ئائىت بەزى مۇھىم يوليورۇقلارنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما كونكىرېت قانداق «يوليورۇق» لارنى بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. نۆۋەتتە، نوپۇزلۇق چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ شۇ قېتىملىق ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتۈشتە، ئۇنىڭ 2014-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.
ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، لاگېر ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز 24-مارت ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى خ تا، شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان تۇيۇقسىز زىيارىتىدە ئۇنىڭ بۇ سىياسەتنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئادرىيان زېنزنىڭ قەيت قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2014-يىل قىلغان بىر قېتىملىق مەخپىي سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى «يۆتكەپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» نى قوللىغان ئىكەن. ئادرىيان زېنز يەنە يېڭى دەلىللەر 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا «نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى» نىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيگەنلىكى، بۇ تۈر بويىچە ئۆتكەن يىلى باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنىڭ 38 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاينىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلگىرى دۆلەتنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بارغان ۋە تەييارلىغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا، تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىشنىڭ، شۇنداقلا نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.