ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 16‏-مارتتىن باشلاپ بىر قىسىم سىنىپلار ئوقۇش باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.03.16

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 16‏-مارتتىن باشلاپ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ بىر قىسىم سىنىپلىرى ئوقۇش باشلىغان.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى پارتلاپ، پۈتۈن خىتاينى قاپلىغاندىن كېيىن خىتايدا مەكتەپلەرنىڭ تەتىل ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى رايوندىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنىڭ 23‏-مارتقا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. لېكىن مائارىپ نازارىتى 13‏-مارت كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، رايوندىكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 3 ‏-يىللىق سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاخىرقى يىللىق سىنىپلىرىنىڭ 16‏-مارتتىن باشلاپ ئوقۇش باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مەزكۇر قارارى يەرلىك دائىرىلەر كورونا ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، «ۋىرۇسنىڭ رايوندىكى لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىش خەۋپىگە يول ئاچماقتا» دەپ تەنقىد قىلىنىۋاتقان شۇنداقلا ب د ت ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر رايوندا يېقىنقى 26 كۈندىن بېرى ھېچقانداق كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالمىغان. دائىرىلەر بۇنىڭ ئالدىدا رايوندىكى ئاخىرقى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارىنىڭ ساقىيىپ، 8‏-مارت كۈنى دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 16‏-مارت كۈنى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاخىرقى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن 510 مىڭ ستۇدېنت مەكتەپكە قايتقان. باشلانغۇچ، يەسلى، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى قالغان يىللىق سىنىپلار 23‏-مارت دەرس باشلايدىكەن. لېكىن، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى نازارەت ئاستىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.