كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىن پايتەختى ئوتتاۋاغا پىيادە ماڭغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى سەپىرىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغان

كانادادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلىپ بۇنىڭدىن 2 ھەپتە ئاۋۋال كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىن پىيادە يولغا چىققان ئۇيغۇر پائالىيەتچى بىلال مالىك ئۇيغۇر، 380 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى غەلىبىلىك بېسىپ، 19-ئىيۇل كانادا پايتەختى ئوتتاۋاغا يېتىپ كەلگەن. بىلال مالىك ئۇيغۇرنىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدىكى ئاخىرقى مەنزىلى كانادا باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالدى بولۇپ، ئۇنى بۇ ئورۇندا تورونتو، مونتېرىيال، كانادانىڭ لوندون قاتارلىق شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار كۈتۈۋالغان.

بىلال مالىك ئۇيغۇر «ئەركىنلىك مارشى» دەپ ئاتالغان 15 كۈنلۈك سەپىرىدە يول بويى يەرلىك سىياسەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى كانادا ھۆكۈمىتىگە كانادا پارلامېنتىنىڭ بۇ يىل ئاپرېلدا ماقۇللىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشقا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. ئۇ ئىلگىرى رادىيومىزغا ئ‍ۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق «كانادالىقلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش» نى، شۇنداقلا باش مىنىستىر ترۇدېئونى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىلال مالىك ئۇيغۇر 19-‍ئىيۇل شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:00 لەردە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئ‍الدىغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى نامايىشچىلارغا قوشۇلغان شۇنداقلا ئ‍ۆزلىرىنىڭ تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر مەكتۇپنى كانادا باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى خادىملىرىغا تاپشۇرغان. «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى 19-ئىيۇل رادىيومىزغا مارافون يۈرۈشىنىڭ «ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك» بولغانلىقى ۋە «مەقسەتكە يەتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.