گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئادىداس، پۇما ۋە ھيۇگو بوسنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ ئىزىنى بايقىغان

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئادىداس، پۇما، ھيۇگو بوس قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق ماركىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىزوتوپلۇق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بۇ مەھسۇلاتلاردا «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ ئىزى بارلىقىنى بايقىغان. ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ ياۋروپاغا داڭلىق ئاگروئىزولەب تەجرىبەخانىسى بىلەن خاكشوئېل نېدېررېين ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار پۇما، ھيۇگو بوس ۋە ئادىداس قاتارلىق ماركىلارنىڭ مايكىلىرى ئۈستىدىن ئىزوتوپلۇق ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىقى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

خەۋەردە، ئىزوتوپلۇق ئانالىز نەتىجىسى يۇقىرىقى گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى يۆتكەش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىگە زىت بولۇپ چىققانلىقى، ھيۇگو بوسنىڭ ئ‍ۆتكەن يىلى 10-ئايدا مەھسۇلاتلىرىنى يەرشارى ئۆلچەملىرىگە ماس ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى، پۇمانىڭ «شىنجاڭ بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك سودا ئالاقىمىز يوق» دەپ جاكارلىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «مۇھاپىزەتچى «گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاگروئىزولەب تەجرىبەخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماركۇس بونېر ««پاختا تەركىبىدىكى ئىزوتوپ بارماق ئىزى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇنى باشقا دۆلەتلەردىن، ھەتتا خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىن كەلگەن پاختىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ ئىزلىرى ئادىداس، پۇما، ھيۇگو بوس قاتارلىق ماركىلىرىدىن باشقا گېرمانىيەنىڭ داڭلىق دالا كىيىم ماركىسى جەك ۋولفسىكىندىنمۇ بايقالغان. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ‍ئېيتىشىچە، ئۇلار يۇقىرىقى شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن بولۇپ، پۇما شىركىتى «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغانلىقىنى رەت قىلغان. ئادىداس شىركىتى بولسا باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، پاختىنى باشقا دۆلەتلەردىنلا مەنبە قىلىدىغانلىقى ھەمدە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئادىل ۋە بىخەتەر خىزمەت شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئېيتقان.