خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختىچىلىق ئىگىلىكىنى قۇتقۇزۇشقا مەجبۇر بولغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىدا تەۋرەپ قالغان رايوندىكى پاختىچىلىق ئىگىلىكىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت، 12-ئىيۇلدىن باشلاپ پاختا زاۋۇتلىرىدىن پاختا سېتىۋېلىشقا باشلىغان. لېكىن خەۋەردە، شۇنداقتىمۇ، رايوندىكى پاختا زاۋۇتلىرىنىڭ داۋاملىق زىيان تارتىشى مۈمكىنلىكى، چۈنكى شىركەتلەرنىڭ ئۆتكەن ئەتىيازدا خام پاختىغا تېخىمۇ كۆپ چىقىم قىلغانلىقى ۋە بۇ جەھەتتىكى يۇقىرى بېسىمنىڭ داۋام قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى سەۋەبلىك قانۇن چىقىرىپ، بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. مەزكۇر قانۇندا «شىنجاڭ پاختىسى» نۇقتىلىق چەكلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىپ بىر قانچە ھەپتە بولمايلا خىتاي «شىنجاڭ پاختا» بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، دۆلەت ئۆزى 500 مىڭ توننا پاختا سېتىۋېلىشنى باشلىغان. خەۋەردە، بۇ خىل سېتىۋېلىشنىڭ 15 ئاي داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پاختا سېتىۋېلىشى 12-ئىيۇلدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگوسىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن رايوندىكى پاختا كارخانىلىرىغا تەسەللى بېرىشنى چىقىش قىلغانىكەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، دۆلەتنىڭ رايوندىكى پاختا زاۋۇتلىرىدىن 300 مىڭ توننا بىلەن 500 توننا ئارىسىدا «شىنجاڭ پاختىسى» سېتىۋالىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى سېتىۋېلىش پىلانى، ئامېرىكانىڭ 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
