خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە چەكلەش ئوبيېكتىغا ئايلانغان «شىنجاڭ پاختىسى» بۇ يىل يەنە خىتاي ئومۇمى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 90 پىرسەنتىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلغان. خىتاي دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە 5 مىليون 129 مىڭ توننا «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئومۇمى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە ئائىت تارىخىي خاراكتېرلىك قانۇن ماقۇللاپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قانۇن ماقۇللىنىشتىن بۇرۇنلا خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنىدى. ئامېرىكا «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلىگەن بولسىمۇ، بىراق «شىنجاڭ گېزىتى» بۇ يىل رايوندا پاختىزارلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەردە، بۇ يىل رايوندىكى ئومۇمى پاختىزارلىق كۆلىمىنىڭ 37 مىليون 591 مىڭ موغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 62 مىڭ مو كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق «شىنجاڭ گېزىتى» رايوندا پاختىزارلىق كۆلىمىنىڭ ئارتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 14-دېكابىر ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، بۇ يىل رايوندا پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن 0. 6 پىرسەنت ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا رايوندىكى دېھقانلارنىڭ كىچىك كۆلەملىك يەككە پاختا ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە ئۆزگەرتىلگەن.