ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پەمىدۇر قىيامى شىركىتى «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-04-14
Share

ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پەمىدۇر قىيامى شېركىتى-كاگومې «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان غەرب شىركەتلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ساھەلىرىگە بېرىلگەن يەنە بىر زەربە ئىكەن. «نىكېي ئاسىيا» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاگومې شىركىتىنىڭ بىر ۋەكىلى پەمىدۇر باھاسى ۋە سۈپىتى بىلەن بىرگە «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىدىكى بىر ئامىل بولغانلىقى» نى ئېيتقان.

كاگومې شىركىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سودا قىلىشنى توختاتقان ياپونىيەدىكى تۇنجى چوڭ شىركەت، دەپ قارالماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجاڭ پەمىدۇرى» كاگومې مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر پىرسەنتىگە يەتمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قارارىنىڭ سىمۋۇللۇق ئەھمىيىتى زور ئىكەن. كاگومې شىركىتى بۇ قارارىنى ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇشىھىدې سۇگانىڭ 16-ئاپرىل ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇشىنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باش مىنىستېر سۇگا بىلەن پرېزىدېنت بايدېننىڭ سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىكەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 6-ئاپرىل ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى توشىمىتسۇ موتىگې بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، موتىگېنى «چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارغا ئارىلاشماسلىق» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. موتىگې بولسا خىتاينىڭ كونكىرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلىشى» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت