ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق پۇتبول ۋە بوكس مۇسابىقىلىرىدە ئۇيغۇر ماھىرلار زور نەتىجىگە ئېرىشكەن

30-ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ تەنتەربىيە سارىيى» دا «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» يىپەك يولى ياشلار خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسى بىلەن «تەڭرىتاغ خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسى» بىرلا ۋاقىتتا ھەيۋەتلىك كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

30-ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ تەنتەربىيە سارىيى» دا «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» يىپەك يولى ياشلار خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسى بىلەن «تەڭرىتاغ خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسى» بىرلا ۋاقىتتا ھەيۋەتلىك كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋى تور بەتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مۇسابىقىلەرگە ساھىبخانىلىق سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان يەرلىك كوماندىلاردىكى ئۇيغۇر ئەزىمەتلەر يۇقىرى ماھارەت بىلەن نەتىجە قازانغان.

ئىگىلىنىشىچە، 31-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلاشقان «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» يىپەك يولى ياشلار خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە «شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى» گېرمانىيە «شىمالىي رىيىن-ۋېستفالىيە ئىشتاتى 17 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى» نى 3:0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەن ۋە چېمپىيون بولغان.

30-ئىيۇل كۈنى ئېلىپ بېرىلغان «تەڭرىتاغ خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسى» دە ئۇيغۇر ماھىرلاردىن قۇربانجان چوڭ ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن گىرۇزىيەلىك رەقىبى تەيلورغا يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر بوكسچىلىرىدىن توختى چوڭ موللا قازاقىستانلىق ماھىر مەردانبېكنى، ئەزىز ئېلى تايلاندلىق ماھىر فۇسسانى، زەيبۇللا مەمەت تايلاندلىق ماھىر چامپاننى، ئالىم چايان خىتاي ماھىرى ياڭ شياۋلۇڭنى، ئالىم تۇرسۇن خىتاي ماھىرى لۇ چياڭنى، مەمەتتۇرسۇن چوڭ قازاقىستانلىق ماھىر ماكسىمنى يېڭىپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ھەر ساھەدىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كەسپىي ئانالىزچىلار بۇ قېتىملىق زور غەلىبىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بوكس ۋە پۇتبول ساھەسىدە كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org