خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى باستۇرۇشى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ساھەسىدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى مەملىكەتلىك ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول گۇرۇپپىسىدىكى «تەڭرىتاغ يىلپىزى» يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 26- نۆۋەتلىك ئا دەرىجىلىكلەرنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە خىتاينىڭ جېجياڭ لۈچېڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇۋېتىپ، ئا دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدىن چۈشۈپ قالغان. 29-سېنتەبىر كۈيتۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە «تەڭرىتاغ يىلپىزى» جېجياڭ لۈچېڭ كوماندىسىغا 1 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان.
«تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۈتكۈل مۇسابىقىدە 2 مەيدان ئۇتقان، 9 مەيدان تەڭلىشىپ، 15 مەيدان ئۇتتۇرۇۋەتكەن. «تەڭرىتاغ يىلپىزى»نىڭ ب دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىغا چۈشۈپ قېلىشى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىغان.
خىتاي توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى تۇراقسىز روھىي كەيپىياتى ۋە چېچىلاڭغۇلۇقى تاماشىبىنلارغا بەك تاسادىپىي تۇيۇلغان.
«بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، «تەڭرىتاغ يىلپىزى»نىڭ ب دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىغا چۈشۈپ قېلىشىغا ئۈرۈمچىدىكى مۇسابىقە مەيدانىنىڭ كۈيتۈنگە ئالماشتۇرۇلۇشى، مۇسابىقىنى پەقەت بىر قانچە يۈزلا ئادەم كۆرگەنلىكى، ئۇلارغا جاسارەت بېرىدىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ بەك ئازلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، دىنىي، سودا-ئىقتىساد، تەنتەربىيە، سەنئەت، مائارىپ ساھەلىرىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان ياكى ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئۇيغۇر پۇتبول چولپىنى ئىرفان ھېزىمنى تۇتقۇن قىلىپ، دۆربىلجىندىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغانلىقى ئاشكارىلانغان. شۇنداقلا يەنە ماھمۇتجان، ئەكرەمجان قاتارلىق بەزى ئۇيغۇر پۇتبول چولپانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان كىشىنى بۇ لاگېرلارغا قامىشى خەلقئارا سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا قاتتىق زەربە بولغان.