ئۇيغۇرلار بىلەن غەربىي پاپۇئالىقلار گوللاندىيەدە تۇنجى نۆۋەتلىك دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي پۇتبول كوماندىسى» بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ھىندونېزىيەگە قاراشلىق غەربىي پاپۇئالىقلار كوماندىسى 19‏-ئۆكتەبىر كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇسابىقە مەركىزى ياۋروپادىكى مىللەتلەر، ئېتنىك گۇرۇپپىلار، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋاكالەتسىز خەلقلەر ۋە مەدەنىيەت رايونلىرىنىڭ خەلقئارا پۇتبول تەشكىلاتى بولغان «مۇستەقىل پۇتبول جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەزكۇر خەلقئارا پۇتبول تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ يىل 8‏-ئايدا گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە غەربىي پاپۇئا پۇتبول جەمئىيىتى بىلەن مەركىزى ئامىستېردام شەھىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان پۇتبول جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ مۇسابىقە شۇ كۈنى ياۋروپادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن 16‏-ئۆكتەبىر «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، دەنھاگدىكى مۇسابىقىنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر مۇسابىقە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، «شۇ كۈنى ئۆز رايونلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي پاپۇئا مىللەتلىرىدىن بولغان پۇتبول ماھىرلىرى ۋە مەستانىلىرى مۇسابىقىدە ئۆز مايكىلىرىنى كىيىپ، ئۆز بايراقلىرىنى لەپىلدىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.» بۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر خەلقئارا مۇستەقىل پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا باشقا بىر ئەلنىڭ مۇھاجىرەتتىكى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئېلشات ئىسلام 16‏-ئۆكتەبىر تاراتقۇلارغا قىلغان مۇسابىقە ھەققىدىكى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ «پۇتبول ئارقىلىق خەلقىئالەمگە بىزنىڭ كىملىكىمىز، غايىمىز، ۋە تىز پۈكمەس روھىمىزنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كوماندىسى» بۇ يىل قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا، كانادا، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرى ئەزا ئىكەن.