خىتاي كورونا ۋىرۇسى باھانىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.09.02

خىتاي كورونا ۋىرۇسى يامرىغان مەزگىلدىمۇ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇش بىلەنلا قالماي، ئۇلارنى نامەلۇم بىر دورىنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئەيبلىنىپ كەلگەنىدى.

ABC (ئامېرىكا تاراتقۇ شىركىتى) تورىنىڭ 31-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆيىگە سولاپ قويغان، 40 كۈن تالاغا چىقماسلىق بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلمىغانلارنى قولغا ئالغان. خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئاھالىلەر ھەقىقەتەن نامەلۇم بىر جۇڭيى دورىنى ئىچىشكە مەجبۇرلانغان، ئۇ دورىنىڭ تەركىبىدە باشقا دۆلەتلەردە ئىشلىتىش چەكلەنگەن ماددىلاردىن ئاز دېگەندە بىرەرى بار ئىكەن. بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئون نەچچە تۇتقۇن بىلەن ياتقان كامېردا ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك يالىڭاچلىنىپ ئولتۇرغۇزۇلغان بولۇپ، دېزىنفېكسىيە سويۇقلۇقى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ۋە تامغا چېچىلغان. بۇ كۆيدۈرگۈچ سويۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ قولى كۆيۈپ، تېرىلىرى چۈشۈپ كەتكەن.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئاۋغۇست تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى كېچىكتۈرۈلۈپ، دەرسلەر توردا ئۆتۈلىدىغانلىقى، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ توردا ئوقۇش باشلايدىغانلىقى ئېيتىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.