2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 6 ئاۋازغا قارشى 414 ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى 2021-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» دىن كېيىن ماقۇللانغان ئەڭ چوڭ قانۇن لايىھەسى ھېسابلىنىدۇ.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، 13-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرىگە قويۇلغانىدى. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىغا ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ماسلاشتۇرغۇچى بېكىتىش ھەمدە ئىستراتېگىيە تۈزۈشنى تەلەپ قىلىش؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا تەشۋىقات پىروگراممىلىرىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيە سەھنىلىرىدە سۆزلەشكە شارائىت ھازىرلاش؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلومات خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىش؛ ئامېرىكانىڭ خىتاي، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان دىپلوماتىيە خادىمىدىن ئاز دېگەندە بىر ئادەمنى تەيىنلەش قاتارلىق ماددىلار بار.
ياڭ كىم خانىم بۇ قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرىگە قويغاندا قىلغان سۆزىدە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەددىدىن ئاشقان، ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان جىددىي ۋاقىتلاردا مەيدانغا كەلگەن مۇھىم قانۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن:
«خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى سودا-ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلىماقچى. كوممۇنىست خىتاي يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مېڭە يۇيۇش، جىنسىي خورلۇق قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئىشەنچلىك خەۋەرلەر بىلەن دەلىللەپ بولدۇق. كوممۇنىست خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى پاش بولۇشىغا قارىماي، شى جىنپىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا بۇ رايونغا كۆپ قېتىم بېرىپ، «تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق» نى قوغداش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى دىنىي باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلماقتا».
ياڭ كىم خانىم يەنە، بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توسۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىست خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى سۆزى ھەم ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم ئۆزىنىڭ X (تىۋىتتېر) ھېسابىدا تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ: «‹مەن دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› باياتىن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى! كوممۇنىست خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىزدا ئېھتىياجلىق بولغان قانۇن قورالىنى ھازىرلاشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇق. مەن بۇ قورالنىڭ ئاخىرقى ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى ۋە ئەركىنلىكنىڭ مەڭگۈلۈك قورالى بولۇشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن!» دەپ يازغان.