ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيغۇرلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىلىك ھوقۇق قانۇن ماددىلىرىنى سۇنغان
2022.03.29
28-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى ۋە ئەزالىرى بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىلىك ھوقۇق قانۇن ماددىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلى (Jeff Merkley)، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى جەمېس مەكگوۋېرن (James P. McGovern) قاتارلىقلار 28-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىغا يوللىغان خېتىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى «ئامېرىكا يېڭىلىق يارىتىش-رىقابەت قانۇنى» نى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتكەن «ئامېرىكا رىقابەت قانۇنى» نى ماقۇللاشقا چاقىرىلغان ھەمدە «بۇ قانۇندا كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىغا مۇناسىۋەتلىك كۈچلۈك ماددىلار بولۇپ، دۇنيادا يۈكسىلىۋاتقان مۇستەبىتلىك بىلەن رىقابەتلىشىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ،» دېيىلگەن.
مەزكۇر كومىتېت يوللىغان خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «كىشىلىك ھوقۇق بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يادروسى، ئۇ ئامېرىكانىڭ پرىنسىپىنى، شۇنداقلا خىتاي خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ».
مەزكۇر كومىتېت تەشەببۇس قىلغان ۋە «ئامېرىكا رىقابەت قانۇنى» نىڭ ماددىلىرىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن سۇنغان لايىھە ئىچىدە خوڭكوڭ پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا كۆچمەنلىك يولىنى كەڭ ئېچىۋېتىش، خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەنلەرنى قوغداش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە تۇغۇت چەكلەش ۋە بالىنى چۈشۈرۋېتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن شەخسلەرنى جازالاشقا ئائىت ماددىلار بار ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئەزالىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر كىشىلك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى ۋە ماقۇللىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.