ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بۇ ھەپتە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئاۋازغا قويىدۇ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى بۇ ھەپتە ئىچىدە ئاۋازغا قويىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى بۇ ھەپتە ئىچىدە ئاۋازغا قويىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئۇ پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قوپۇشىنىڭ يولى ئېچىلىدىكەن. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەجلىسىنىڭ 3 خادىمى قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغان كۈنتەرتىپتىكى تۇنجى قانۇن ماددىسى ئىكەن.

3744S-نومۇرلۇق بۇ قانۇن لايىھەسى يېقىندا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىكى خادىملار قانۇن لايىھەسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن يىلى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندا ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىغا قايتا يوللانغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئاۋام پالاتاسى ئۇنىڭغا ھېچقانداق تۈزىتىش كىرگۈزمەيدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىنى پەرەز قىلىشماقتا.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن قېتىم ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا 407 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت ئىمزا قويۇپ، قانۇنغا ئايلانسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 180 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئېنىقلاپ، دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات قىلىشى ۋە پرېزىدېنتنىڭ بۇ كىشىلەرنى جازالىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org