خىتاي تەرەپ پرېزىدېنت ترامپنىڭ «ئۇيغۇر قانۇنى» نى ئىمزالىشىغا قارىتا ئامېرىكاغا تەھدىت سالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پرېزىدېنت ترامپنىڭ 17-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا رەسمىي ئىمزا قويۇشىغا قارشى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكاغا تەھدىت سالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇنىڭغا قارىتا «قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن باياناتتا خىتاينىڭ كونكرېت قانداق ئۆچ ئالىدىغانلىقى ۋە قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. پرېزىدېنت ترامپ 17-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، مەزكۇر لايىھەنى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇندا ئۇيغۇر دىيارىدا 3 مىليوندەك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئامېرىكانىڭ «خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشى» تەلەپ قىلىنىپ، بۇ قانۇننىڭ «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە تۆھمەت قىلغانلىقى، خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە غەرەزلىك ھۇجۇم قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن. 18-ئىيۇن كۈنى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلىرى ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى ئەيىبلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا بۇ قانۇن «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە خالىغانچە قارا چاپلىغانلىق” دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭدا يەنە «قايتا تەبىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى يۇقتۇرۇۋالغان، قانۇنغا خىلاپ يېنىك قىلمىش سادىر قىلغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىلىشى «2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى بىر ئېتنىك مىللەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئېغىر تۇتقۇن» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت