ئامېرىكانىڭ «2020-يىللىق ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارمۇ ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.07.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇنداقلا ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئادام شىف تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان «2020-يىللىق ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارمۇ ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ 5-باب 2-ماددىسى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان بېسىمى ھەققىدە دوكلات» دەپ ئاتالغان.

ئۇنىڭدا مەزكۇر قانۇن كۈچكە ئىگە بولغاندىن تارتىپ 150 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ئۈستىدە مەخسۇس دوكلات بىلەن تەمىنلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

قانۇن لايىھىسىدە ئېيتىلىشىچە، كومىتېتقا يوللىنىدىغان دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى، لاگېرلارنىڭ شارائىتلىرى، بۇ لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان قېيىن-قىستاق، دىندىن مەجبۇرىي تاندۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك باشقا ناچار مۇئامىلىلەر ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار، لاگېرلارنىڭ ئېنىق جۇغراپىيەلىك ئورنى، لاگېرلاردا «قايتا تەربىيە» ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان مېتودلار ۋە شۇنداقلا بۇ لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپات قاتارلىقلار مەلۇم قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.

مەزكۇر دوكلات يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ لاگېرلارنى تەكشۈرۈشىگە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە تەقىب سىستېمىلىرى ۋە كونترول مېخانىزىملىرىغا ئائىت مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

يۇقىرىقى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى بولغان ئادام شىف ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇنداقلا ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى. ئۇ تېخى يېقىندا «سان-فرانسىسكو ھادىسىلىرى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 3-قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.