خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا «سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى كۈچەيتىش» نامىدا دۆلەت زوراۋانلىقى، ھەتتا دۆلەت تېررورىزمى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» ، «تېررورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى ساقلاشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىش» قاتارلىقلار بۇنىڭ سىياسەتتىكى ئىپادىلىرى ئىدى. نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ھەققىدە يىغىن ئاچقان.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 4-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرى ۋەكىللىرى ھەر قايسى جايلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. يىغىندا «مۇقىملىقنى ساقلاشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە دائىملاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمىنى يارىتىش، مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىشنى تېزلىتىش، ھەر ۋاقىت خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىش ئۇسۇلىنى رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش» قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مىڭشەن رىياسەتچىلىك قىلغان.
ۋاڭ مىڭشەن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ، كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۈننىڭ ئورنىغا چىققان. 2020-يىلى 9-ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئاكتىپلىرىدىن بولغان ۋاڭ مىڭشەن بىلەن جۇ خەيلۈنگە، شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ج خ نازارىتى» گە جازا ئېلان قىلغان ئىدى. ۋاڭ مىڭشەننىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەت كۆرسىتىشى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارالماقتا.
