دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.12.02

ئۈرۈمچىدە قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ كوللېكتىپ قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدە ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىشى، چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قەسەمياد يىغىنى خىتايدا بەلگىلەنگەن «4-دېكابىر قانۇننى تەشۋىق قىلىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 1-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. قەسەمياد يىغىنىغا ئۈرۈمچىدىكى قانۇن، ئەدلىيە ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان سوتچىلار، ئادۋوكاتلارغا ۋاكالىتەن 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى مەزكۇر قەسەمياد يىغىنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇن بىلەن پەدەزلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، دائىرىلەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ،«دائىرىلەر يىللاردىن بۇيان ھەر خىل قانۇنىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم يەنە «قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قەسەمياد يىغىنى» نامىدا رايوندا مۇقىملىقنى قوغداشنى تەكىتلىشى، ئەمەلىيەتتە قانۇن ساھەسىدىكىلەرنى ئۆز ۋەزىپىسىنى جانپىدالىق بىلەن ئورۇنلاشقا مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانۇننى ئىجرا قىلىش نامىدا تېخىمۇ شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.