«ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ دېموكراتلىرى» ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق ھەققىدە قارار ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.08.31

ئامېرىكادىكى ھاكىمىيەت تۇتقۇچى ئىككى پارتىيەنىڭ بىرى بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قارمىقىدىكى «ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ دېموكراتلىرى» ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 30-ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي قارار ئېلىپ «شەرقىي تۈركىستان\شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ‹تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش› نامىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت،» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى رەسمىي قارارى ئۇلارنىڭ تور بېتىدە ۋە تىۋىتتېر بېتىدە تەڭلا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئۇلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ نەدە بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقى، لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تولۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلغان. ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا پۈتۈنلەي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بايدېن ھۆكۈمىتىدىن بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشنى، 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى، ئۇيغۇر دىيارىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى، تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان باشقا قانۇن لايىھەلىرىنىمۇ تېزدىن ماقۇللاشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ دېموكراتلىرى» ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 1932-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.