ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق توغرىسىدا يېڭى چاقىرىقلار ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئىنكار قىلىۋاتقاندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رەھبەرلەرگە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا تۇشمۇتۇشتىن چاقىرىقلار ئېلان قىلىنماقتا.

CNN قانىلىنىڭ «لوندونغا نەزەر» پروگراممىسىدا 14-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن باغلانغان كىملىكى ھەمدە مۇشۇ سەۋەبتىن مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى دېگەندەك قىرغىنچىلىق ھادىسىسىگە قارىتا دۇنيا تېخىچە يېتەرلىك ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن.

لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت بۇ توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ھازىر مۈشكۈلاتقا ئەمەس، قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېگەن. شۇنداقلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئىزچىل سۆز قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ: «بىز بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك ئىنكاسقا موھتاج. پۈتۈن دۇنيا ھازىر خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايدۇ،» دېگەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىما’‍ي پاجىئەلەرنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىنى بۇ قىرغىنچىلىقنى چەكلەشكە چاقىرىش سادالىرى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت