ناسارۇددىن ئۆمەر: «‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى›- قايىل قىلارلىق سۆز ئەمەس!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.08.07

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت ھېسابلىنىدىغان جاكارتادىكى «ئىستىقلال مەسچىتى» نىڭ ئىمامى، ھىندونېزىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ناسارۇددىن ئۆمەر (Nasaruddin Umar) 4-ئاۋغۇست ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «قايىل قىلارلىق سۆز ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ناسارۇددىن ئۆمەر بۇ زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۈي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزنى 4-ئاۋغۇست ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيە ئىلگىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغاندا ئۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»نى «قايىل قىلارلىق سۆز ئەمەس»دېيىشى، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىدىن ئېيتقاندا كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان تەرەققىيات،دەپ قارالماقتا. تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا مالايشىيادىكى بىر تەتقىقات ئورنى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جىددىي باشلىقلار يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا مەخسۇس ۋەكىل تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇچرىشىشتا ما شىڭرۈي: «شىنجاڭ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى» دېگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ناسارۇددىن ئۆمەرنىڭ ما شىڭرۈينىڭ سۆزىگە قارىتا «خىتاي مەدەنىيىتى ئەزەلدىن كىشىلەرنى ئاساس ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ھاياتلىقنى ۋە ئىنسانىيەتنى ھۆرمەتلەش ئەنئەنىسى بار. شىنجاڭدىكى ئاتالمىش ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› توغرىسىدىكى يالغان سۆزلەر قايىل قىلارلىق ئەمەس» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئىمام ناسارۇددىننىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىنكار قىلىشتا كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.

 

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.