ئامېرىكىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھەسرىتى تەسۋىرلەنگەن رومان يېزىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«كىركۇس كىتاب تەقرىزلىرى» توربېتىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىلىش خەۋپىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھەسرىتى تەسۋىرلەنگەن بىر رومان يېزىلدى.

رومانغا «تال سېۋەت» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ نيۇ - يوركلۇق ئاپتور جوسەننا لاۋەلى خانىمنىڭ تۇنجى رومانى ئىكەن.

ئاپتور رومانىدا، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىكى ئۇيغۇر قىزى مېھرىگۈلنىڭ دۇنياسى ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نامراتلاشتۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئۇيغۇر ياشلىرى يولۇقۇۋاتقان ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋە «قوش تىل» سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن گاڭگىراش، شەرقىي تۈركىستانچى ياشلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قاتارلىق تېمىلارنى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن يورۇتقان.

رومانىڭ باش قەھرىمانى مېھرىگۈلنىڭ پۇل تېپىپ ئۆينى قامدايدىغان ئاكىسى مەمەت شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ، مەمەت جېنى ئېلىپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىپ كېتىدۇ، دادىسى ھاراقكەش، ئانىسى كېسەلمەن بولغاچقا ئائىلىسىنىڭ بارلىق يۈكى مېھرىگۈلنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ.

مېھرىگۈل ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ئۇ، ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تۆھپە ئىزدەپ يۈرگەن يېزا كادىرىنىڭ تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالىدۇ. يەنە شۇ مەزگىلدە مېھرىگۈل بازاردا سودا قىلىپ يۈرۈپ، بىر ئامېرىكىلىق خانىم بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ.

مېھرىگۈل، مەكتەپكە بارالىدىمۇ؟ ياكى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئەۋەتىلىپ سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولدىمۇ؟ ئۇ تونۇشۇپ قالغان ئامېرىكىلىق خانىم مېھرىگۈلنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالامدۇ؟

كىتابتا يۇقىرىقىدەك مۇرەككەپ ۋە كەسكىن زىددىيەتلىك ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. كىتابنى «كارلىن» نەشرىياتى نەشر قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 2 - ئاپرېل ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت