بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

تۈركىيەدىكى «مەملىكەت» ناملىق تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-يانۋار كۈنى بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودا كۆپ ساندا كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر نامايىشنى خەلقئارالىق سارايېۋو ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى خەلقئارا ياشلار كۇلۇبى ۋە مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى قاتارلىقلار ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن. پايتەخت سارايېۋودىكى تارىخىي مەيدان بولغان «باشچارشى» دا باشلانغان نامايىشتا ياشلار قوللىرىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئادالەتسىزلىككە خاتىمە»، «ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇڭلار»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىلسۇن» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىشچى ياشلار خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنا 1992-يىلى سابىق يۈگۈسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدىراتسىيەسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق دۆلەتتىكى سىربلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە بوسنىيە ئۇرۇشى پارتلىغان ۋە نەتىجىدە بۇ دۆلەتتە بوسىنىيەلىك مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلگەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى نەتىجىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارىلىشىشى ھەم بېسىمى نەتىجىسىدە 1995-يىلى دېكابىردا رەسمىي ئاخىرلاشقان.

تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئەينى چاغدا سارايېۋو قىرغىنچىلىقىدا 10 مىڭ، سرېبرېنىكا قىرغىنچىلىقىدا بولسا 8 مىڭ بوسنىيەلىك مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ قىرغىنچىلىققا يېتەكچىلىك قىلغان سېرب گېنېرال راتكو مىلادېچ «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئېلان قىلىنىپ، 2011 ‏-يىلى قولغا ئېلىنغان. ب د ت نىڭ خاگادىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 2017-يىلى ئۇنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت