بۇداپېشتتىكى بىر كوچىغا «ئۇيغۇر قۇربانلىرى يولى» دەپ نام بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-06-02
Share

رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىنىڭ خىتاي ئۇنىۋېرستېتىغا تەقلىد قىلىپ سېلىنغان مەكتەپ قورۇسى يېنىدىكى بىر كوچىغا تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئىسمى بېرىلگەن، يەنە بىر كوچىغا «ئۇيغۇر قۇربانلىرى يولى» دەپ نام بېرىلگەن. ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بۇداپېشت شەھەر باشلىقى گېرگىلى كاراسونى چارشەنبە كۈنى (2-ئىيۇن) بۇنى ئېلان قىلغان.

يېڭىدىن نام بېرىلگەن بۇ كوچىنىڭ يېنىغا خىتاي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى لايىھەلىگەن بىر ئالىي مەكتەپ قورۇسى جايلاشقان بولۇپ، 6000 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. گېرگىلى كاراسونى بۇ قۇرۇلۇشنى سېلىشقا ئىجازەت بەرگەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرىنى خىتايغا ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىگەن.

ۋېنگىرىيە ئاقىللار مەركىزى تەتقىقات ئورنىنىڭ راي سىناش تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا خىتاي پاسونىدىكى بۇ مەكتەپ رايونىنى قۇرۇشقا 66 پىرسەنت كىشى قارشى تۇرغان، 27 پىرسەنت كىشى قوللىغانىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت