خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ-گەنسۇ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش» پىلانى دىققەت قوزغىماقتا
2023.02.16
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ كاتتىباشلىرى لەنجۇ شەھىرىگە كېلىپ «شىنجاڭ-گەنسۇ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» تېمىسىدىكى خىزمەت يىغىنىغا قاتناشقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك تەركىبىدە ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ھۆكۈمەت، پارتكوم ۋە بىڭتۇەننىڭ كاتتىباشلىرى بار بولۇپ، خىزمەت يىغىنىدا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىشىغا تۆھپە قوشۇش، شۇنداقلا ئىككى ئۆلكە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شۇ ئارقىلىق «پۈتۈن مەملىكەت بىر چوڭ بازار بولۇش» ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. يىغىندا ما شىڭرۇي ئالاھىدە سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ بىلەن گەنسۇ خۇددى چىش بىلەن كالپۇكقا ئوخشايدۇ. ئىككى رايون ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىچكىي ۋە تاشقىي جەھەتتە تېخىمۇ زور ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن. شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشى»گە ئىمزا قويغان.
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئاشكارا بولغاندىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىگە كۆپلىگەن چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ سودا پائالىيەتلىرى مۇئەييەن چەكلىمىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان ئىمپورت-ئېكىسپورت يوللىرىنى كېڭەيتىش كويىدا بولۇپ كەلگەن. نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ئاشۇ خىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.