16 دۆلەتنىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەت قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا شېرىك بولغان

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى غەرب دۆلەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلانغان، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە باشقا نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن دوكلاتلارنى ئېلان قىلىۋاتقان، بەزى دىپلوماتلارمۇ خىتايغا داۋاملىق بېسىم قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچەپ كەلمەكتە.

خىتاي «شىنخۇا تورى» نىڭ 25-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى كانادا، شىۋېتسارىيە، شىۋېتسىيە، ئۆزبېكىستان، تايلاند قاتارلىق 16 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئاتالمىش «باياشات شىنجاڭ، گۈزەل شىنجاڭ، خۇشال-خۇرام شىنجاڭ مەنزىرىسى» نى كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ بۇ خەۋىرىدە، تايلاند، سىرىلانكا، ئومان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى گۈزەل تەسىراتلىرى» غا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆرگەنلىرى «ھەقىقىي شىنجاڭ» دەپ تەرىپلەنگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «ھەقىقىي شىنجاڭ» دېگىنى، «غەربنىڭ دەۋاتقانلىرى يالغان» دېگىنىدۇر. بۇ ھەقتە ئۇ رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە يېقىن دەپ قارىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى، مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە. خىتاي بەزى غەرب مۇخبىرلىرىنى قىزىقتۇرۇش ياكى سېتىۋېلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئويۇنىغا شېرىك قىلىدۇ».