ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىن پارتىيەدىن چىقىرىلىپ ۋە خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەئىيىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق يۇقىرى رەھبىرىي ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ئالىمجان مەمتىمىن ئۈستىدىن ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ،ئۇنىڭ پارتىيەدىن چىقىرىلىش ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش قارارى چىقارغان.
ئۇنىڭغا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، «پارتىيە ئىچىدە شايكا توپلاپ، شەخسىي غەرەز بىلەن ئۆزارا تىل بىرىكتۈرۈپ گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان» «تەشكىلى تەكشۈرۈشكە قارشى چىقىپ، زاڭپۇل ۋە زاڭ ماللىرىنى يۆتكەپ، ئىسپاتنى يوقاتقان» دېگەندەك بىر يۈرۈش ئىنتىزام ۋە چىرىكلىككە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر بېكىتىلگەن.
ئالىمجان مەمتىمىننىڭ ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
1982 - يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئالىمجان مەمتىمىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلىپ، قەدەممۇ - قەدەم ئۆسۈپ، 2011 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ پارتىيە مۇئاۋىن سېكرېتارى، گېزىتخانا باشلىقى بولغان، 2013 - يىلىدىن 2015 - يىلى، 7 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.