«ئامېرىكا ھەمبەھىرلىكى» تورىدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ دىپلوماتىك رولى تونۇشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-16
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، قانۇن، ئىقتىساد، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە مۇنبىرى بولغان «ئامېرىكا ھەمبەھىرلىكى» تورىدا 15-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ پەقەت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بولۇپ قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر كۆزنەك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

«رېستوران ھەر دائىم ئۆزگىچە مەدەنىيەت بىلەن تونۇشۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان بۇ ماقالىدە، لوس ئانژېلىس رايونىدىكى دولان ئۇيغۇر رېستورانى بىلەن ۋاشىنگتون رايونىدىكى دولان ئۇيغۇر رېستورانى تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە بۇ رېستوران خوجايىنلىرىنىڭ ئائىلىسى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ھالغا كېلىپ قالغانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ رېستۇراننىڭ خوجايىنلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەنلا قالماي، ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن. لوس ئانژېلىستىكى دولان رېستورانىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئالدى تەرىپىگە «Google Uyghurs»، ئارقا تەرىپىگە «Closethecamps#» (لاگېرلارنى تاقا) دېگەن ھەشتەگ چۈشۈرۈلگەن ئىش كىيىمى كىيىپ مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ شەكىل بىلەن ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى بىلدۈرىدىكەن، سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن.

ئۇيغۇر رېستورانلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تائاملىرىنىلا ئەمەس، مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇر مىمارلىقى، ئۇيغۇر بېزەكچىلىكى، ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى سىرتقا نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپ، بۇ ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر رېستورانلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تائام مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كاۋاپ، لەڭمەن، پولۇ قاتارلىق لەززەتلىك تائاملىرى بىلەن ئامېرىكادا تونۇلۇۋاتقان يېڭىچە مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت