يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق كىنو رېژىسسورى شىرزات ياقۇپنىڭ رېژىسورلۇقىدا ئىشلەنگەن «مېھىر - مۇھەببەت» فىلىمى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلىكى خەۋىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور بەتلەردە تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئۈمىدلىك قىزغىنلىق پەيدا بولغان. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار كۆرۈلگەن بولۇپ، باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەپسىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر كىنولىرى خەلقارا فېستىۋالار ۋە خىتاي ئىچىدىكى فېستىۋاللاردا مۇكاپات ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان كومېدىيىلىك فىلىم «پۇل دېگەن نەرسە» فىلىمى خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى كىنو مۇكاپاتى«ئالتۇن خوراز» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مەزكۇر فىلىمدە رول ئالغان تونۇلغان كومېدىيە ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر فىلىم ئەنگلىيە، فرانسىيەدىكى كىنو فېستىۋالىدا قويۇلغاندا كىشىلەرنىڭ ئاقلاشقا ئەرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرغەن.
شىرزات ياقۇپ، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ «مۇھەممەتنىڭ 2008 - يىلى»، «گۈزەل ماكان»، «گۈلبېكە»، «مېھىر - مۇھەببەت» قاتارلىق فىلىملىرىنىڭ خەلقارا كىنو فېستىۋاللىرىدا ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئۈمىدلىنىنىپ، «مەملىكەت سەھنىسىدىن ھالقىپ» خەلقئارا سەھنىگە يۈزلىنىش ئىرادىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەن :«ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كىنو فېستىۋالىدا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر "ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى"غا ئېرىشىپ، ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىققا ئېرىشتىم» دېگەن.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كىنوچىلىق تارىخى 60 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى قېتىم 1960 - يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىنىپى كۈرەش ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئانارخان»،«مۇز تاغقا كەلگەن» مېھمان قاتارلىق فىلىملەر، 1979 - يىلى سوۋېت - خىتاي رەقىبلىك دەۋرىدە رۇسلارغا قارشى ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىدىغان «يول باشلىغۇچى» قاتارلىق فىلىملەر، 1980 - يىللاردا ئۇيغۇر ھاياتىغا ئائىت فىلىملەر ئىشلەنگەن ئىدى. ئەمما، ئىلگىرىكى كىنولارغا خىتاي ۋە باشقا مىللەت رېژىسورلىرى رېجىسورلۇق قىلغان بولسا، مانا ئەمدى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۇيغۇر فىلىملىرىگە رېژىسورلۇق قىلىپ، قويۇق مىللىي پۇراق ۋە مىللىي ئەنئەنىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا مۇكاپاتلارغا ئەرىشىشكە باشلىغان ئىكەن.
