ئۇيغۇر دىيارى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا مىقدارى تېز سۈرەتتە ئاشتى


رۇسىيە بىلەن خىتاي سودىسىنىڭ تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا مىقدارىمۇ كۆپەيگەن. خىتاينىڭ شىنخۇئا تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2014 - يىلى رۇسىيە بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سودا سوممىسى ئىككى مىليارد 150 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئاشقان.

ئەمما، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئارىسىدىكى سودىدا قازاقىستان بىرىنچى ئورۇننى تۇتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى قازاقىستان بىلەن بولغان سودىسىدا 17% تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن ھەمدە سودا سوممىسى 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بولغان.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆزلىرىنىڭ سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا لى كېچاڭ موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن سودا قىلىدىغان ئاساسلىق رايونلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن. سودا ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدىكى سودا ئاساسلىقى رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يېقىن ئالتاي ئۆلكىسى، ئوتتۇرا سىبىرىيە ۋە باشقا جايلار ئارىسىدا بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ئاساسەن ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك، ئاياق كىيىملىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى چىقىرىلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلى بولسا، قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئاساسلىقى نېفىت، تۆمۈر مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم خام ئەشيالارنى كىرگۈزىدۇ.