خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە ساقچىلىرىنى يەنە كۆپەيتكەن
2016.04.13
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە ساقچىلىرىنى يەنە كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر «سەپ» كە قوشۇلغانلار سانى 133 كە يەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تۈرمە ساقچىلىرى 12-ئاپرېل ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمى قوماندانلىق شتابىغا قاراشلىق بىر مەشىق مەيدانىدا كۇرس تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
بۇ يىلدىن باشلاپ تۈرمە ساقچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بۇ ساقچىلار مەزكۇر مەشىق مەيدانىدا 90 كۈن تەربىيىلەنگەن بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن يىلى يەنە قانچە نەپەر تۈرمە ساقچىسى كۆپەيتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ھالبۇكى، خىتاي «سوت تورى» نىڭ، مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلى تۈرمە ساھەسىگە 827 نەپەر يېڭى ساقچى قوبۇل قىلغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ناھىيە دەرىجىلىك رايونلاردىن باشلاپ ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىر، ئىككىدىن تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغاندىن باشقا، يەنە بىڭتۇەنگىمۇ تۈرمە قۇرۇش ۋە ئادەم سوتلاش ھوقۇقنى بېرىلگەن.
ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر ئېلىدا زادى قانچە تۈرمە بارلىقى، تۈرمە خادىملىرى ۋە تۈرمىگە قامالغان مەھبۇسلارنىڭ ھەقىقىي سانى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.









