غۇلجىدا ئىلى ئۇيغۇر چاقچاقلىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-09-16
Share

يېقىندا غۇلجا شەھىرىدە ئىلى ئۇيغۇر چاقچاقلىرى بويىچە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مەخسۇس تۈردە ئىلى ئۇيغۇر چاقچاقلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ «ھازىرقى زاماندىكى نەسىردىن ئەپەندىسى» دەپ ھۆرمەتلەنگەن مەشھۇر چاقچاقچى ۋە لەتىپىچى مەرھۇم ھىسام قۇرباننىڭ ئىجادىي ھاياتى، ئۇنىڭ چاقچاقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە چاقچاقچىلىقتىكى ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ھەم باشقا مەسىلىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىلمىي ماقالىلەر ۋە باشقا تۈرلۈك ئەسەرلەر ئوقۇلغان.

تەڭرىتاغ تورىمۇ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، يىغىن ئەھلى ئىلى چاقچاقچىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر چاقچاقچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي قىممەتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر چاقچاقلىرىنى قېزىش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

مەلۇمكى، چاقچاق ۋە لەتىپە دۇنيادىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئېغىز ئىجادىيەت سەنئىتىدىكى مۇھىم ژانىردۇر. ئۇيغۇر چاقچاقچىلىق سەنئىتىمۇ ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا خېلى كۆپ ساندا مەشھۇر چاقچاقچى-لەتىپىچىلەر يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان، چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئۇچرىغان زۇلۇم-كۈلپەتلىرىنى، جۈملىدىن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىملارنى ماھىرلىق بىلەن قامچىلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت