ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكىدە ئۇيغۇرلارغا سىياسىي تەشۋىقات نومۇرى ئورۇنلاش ۋەزىپە قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 16-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكىدە چېگرا رايون ئەسكەرلىرى مەدھىيىلىنىدىغان «مۇز تاغدىن كەلگەن مېھمان»، «چېگرا ئېغىزىدىكى چۈش» ناملىق ئوپېرالار ئورۇنلانغان.

خەۋەردە بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «1963-يىلى ئىشلەنگەن‹مۇز تاغدىن كەلگەن مېھمان› فىلىمىدا چېگرا رايوندىكى ئەسكەرلەر بىلەن دۈشمەن كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى، مەزكۇر ۋەقەلىكنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئارتىسلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئوپېرا قىلىپ ئورۇنلىنىشى، كلاسسىك ئەسەرلەرنى قايتا نامايان قىلىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مىللەتلەر ئارا ھېسسىياتنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى» ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە «ئىچكى موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاپتونوم رايونلاردىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى سەنئەت ئۆمىكىدىكى 14 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 230 ئارتىسنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ‹چېگرا ئېغىزىدىكى چۈش› ئوپېراسىدا چېگرا بويلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقى ۋە بۇ مىللەتلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى» قەيت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 1980-يىلى خىتايدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلگەن. 2000-يىلدىن باشلاپ بۇ كۆرەكنى ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈش بەلگىلەنگەن. ھەر قېتىملىق سەنئەت كۆرىكىدە خىتاي كومپارتىيىسىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيىلەيدىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئورۇنلىنىشى دىققەت قوزغىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى مەقسەت قىلىنغان بۇنداق سەنئەت پائالىيەتلىرى، چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن «سەنئەتلەشكەن سىياسىي تەشۋىقات ئارقىلىق مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» دەپ تەرىپلىنىپ تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت