«لوندون يىپەك يولى كوللېكتىپى» 18-سېنتەبىردىن باشلاپ دانىيەدە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-17
Share

«لوندون يىپەك يولى كوللېكتىپى» 18-سېنتەبىردىن باشلاپ دانىيەنىڭ ئالبورگ، كوپېنھاگېن، نورې سنېد قاتارلىق شەھەرلىرىدە 3 قېتىملىق ئۇيغۇر مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، دانىيەلىكلەرگە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرىدىكەن.

مەزكۇر پائالىيەتتىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە باشقىلار» ناملىق مەزكۇر سەنئەت ئۆمىكى بۇ پائالىيەت ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقان، مول سەنئەت بايلىقىغا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ۋە زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. مەزكۇر سەنئەت ئۆمىكى، گەرچە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆز ھاياتى كۈچىنى يوقاتمىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى قوغداپ قېلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدىكەن.

«لوندون يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى ئېلانىدا ئېيتىلىشىچە، سەنئەت كوللىكتىپى رېيچېل ھاررىس، سەردار مىرزاخوجايېف، كامىل ئابباس قاتارلىق مۇزىكانتلار ۋە ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلىق پائالىيەتچى ۋە ناخشىچى رەھىمە ماھمۇت قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. ئېلاندا 3 كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ تۇنجى مەيدان سەنئەت كېچىلىكى 18-سېنتەبىر ئالبورگ شەھرىدە ئ‍ۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، 19-سېنتەبىر كوپېنھاگېن شەھىرىدە، 20-سېنتەبىر نورې سنېد شەھەرلىرىدە ئۆكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت