ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى خەلقئارالىق بېسىم ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، سىياسەت پروفېسسورى جۇن تىفەل دىرايىر تاشقى سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر تەپسىلىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىگە، «ھەقىقىي ئاپتونومىيە بولمىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى-خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق سەتچىلىكى ۋە بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى ئەگرى-توقايلىقلار» دەپ ماۋزۇ قويغان.

ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىن يەنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن تارىخلىرىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ۋە نەتىجىدە بۇ زۇلۇم تەدرىجىي ئېشىپ 2017-يىلى نوپۇسنىڭ 10-11 پىرسەنتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتورنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنازىرە قىلىشتىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلە بولسا لاگېر مەسىلىسىدە نېمە قىلىش كېرەك؟ دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى يۇمشاتمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى خەلقئارالىق جامائەت پىكرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن غەرب ئەللىرىگە تەۋە شىركەتلەرگە شى جىنپىڭنىڭ بېسىم سىياسىتىگە ھەرقانداق يوسۇندا ۋاسىتە بولماسلىق ھەققىدە بېسىم كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە باجىر تەنتەربىيە كىيىملىرى شۇنداقلا تېرمو فىشىر پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ۋەقەلىرىنى بۇنىڭ بىر ياخشى نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

جۇن تىفەل دىرايىر خانىم يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەسىنىڭمۇ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىشتە قىيىنچىلىققا چۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئوچۇقلۇق ۋە راۋانلىق، ئورتاق تەرەققىيات» روھىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

جۇن تىفەل دىرايىر خانىم ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدا مەسلىھەتچى بولۇپمۇ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر قانچە پارچە مۇھىم كىتابلىرى بار.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت