ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بىرنەچچە قېتىملىق گۇۋاھلىق سوتى ئېچىپ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىدى. ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بىر قاتار سىياسەتلىرىنى مۇشۇ سوت ھۆكۈمىگە ئاساسەن قايتىدىن تەڭشىگەنلىكى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنى قارىلاشقا ئۇرۇنغان. شۇنداقلا بۇ سوتنى «بۆلگۈنچى تەشكىلات بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بىر قىسىم دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى» دېگەن. ھالبۇكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەنلەر غەرب دۇنياسىدىكى ئومۇم ئېتىراپ قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورلىرى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىستېمىسىنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن شاھىتلار بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى «ئالدامچىلار» دەپ ئاتىغانلىقى ھەمدە ب د ت نىڭ باش شتابىدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغانلىقى نۆۋەتتە مەزكۇر سوتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى قايسى دەرىجىدە ئېچىپ بەرگەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى، دەپ قارالماقتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر سوت خادىملىرى بىلەن تۈرلۈك سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتماقتىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۇنداق ساختا سوت كوللېگىيەسىنىڭ كۆز بويامچىلىقى ھامان مەغلۇپ بولىدۇ، ئۇ ھېچكىمنى قايمۇقتۇرالمايدۇ» دېگەن ھۆكۈمى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقۇپ قالماقتىكەن.
