ئىرلاندىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى 9-فېۋرال قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا چىقارغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ تۇنجى قېتىم بىر غەرب پارلامېنتىنىڭ لوندوندىكى مۇستەقىل خەلق سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنى قوبۇل قىلىشىدۇر. لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا چىقارغان قارارىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
يۇقىرىقى قارار لايىھەسىنى ئۆتكەن يىلى ئىرلاندىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايكېل مىكدوۋېل سۇنغان بولۇپ، قارار لايىھەسى 9-فېۋرال كۈنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇنازىرە قىلىشى ۋە ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلغان. مايكېل مىكدوۋېل كېڭەش پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي نۇپۇسى داۋاملىق ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى توختىغانلىقى ۋە 60 پىرسەنت ئازايغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «تۇغماس قىلىش، ۋەھشىيلىك، باسقۇنچىلىق، يالىڭاچ قىلىپ قويۇش، چېچىنى چۈشۈرۈش، خىتاينىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەركەتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى»، بۇلارنىڭ لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن تولۇق ۋە ئوبيېكتىپ ھۆججەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قارار لايىھەسى ئىرلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، شۇنداقلا ھۆكۈمەت بۇ قارار لايىھەسىنى يۇمشىتىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتماقمىز» دېگەن مەزمۇندا بىر قارار لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، بىراق كېڭەش پالاتاسى ھۆكۈمەتنىڭ قارار لايىھەسىنى رەت قىلىپ، مايكېل مىكدوۋېلنىڭ سۇنغان قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا خىتاينىڭ ئىرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىرلاندىيە كېڭەش پالاتاسىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
