خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلىپ مەكتۇپ يوللىدى

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بىرنەچچە قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدىن كېيىن «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن شۇ قېتىملىق سوت يىغىنلىرىدا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى، شەففىيلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد توبىن ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان «شوتلاندىيەلىكلەر» گېزىتىدە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىخچام بايان قىلىپ بەرگەنىدى.

29-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئېدىنبۇرگدىكى كونسۇلى ما چياڭ «شوتلاندىيەلىكلەر» گېزىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ «يالغانچىلىق بىلەن تولغان» ئاشۇنداق بىر ماقالىنى ئېلان قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق مەكتۇپتا ما چياڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك نامراتلىقنى تۈگىتىپ ئىناقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك «خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىقتا ياشىماقتا» دېگەن.

«شوتلاندىيەلىكلەر» گېزىتى مەزكۇر ئوچۇق مەكتۇپقا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىش ئورنىغا ئۇنى ئۆز گېزىتىدە ئېلان قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى جامائەتكە ھاۋالە قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قەتئىي ئىنكار قىلغان بولۇپ، كېيىنچە تاغدەك پاكىتلار ئالدىدا بۇ جايلارنىڭ لاگېر ئەمەس، بەلكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.