خىتاي ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-13
Share

خىتاي دىپلوماتىك قاناللىرى ئارقىلىق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن 10-سېنتەبىر كۈنى باشلىنىپ 13-سېنتەبىرگە قەدەر داۋاملاشقان لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلىق باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ خىتاينىڭ دىپلوماتىك قانال ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-باسقۇچلىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئادۋوكاتلار، مۇتەخەسىسسلەر، تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە شاھىتلار گۇۋاھلىق بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ «سىياسىي ئويۇنى» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ سوتقا پەرۋا قىلمايدىغاندەك بىر كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر سوتنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى، خىتاينىڭ دىپلوماتتىك قانال ئارقىلىق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ خىتاينىڭ ئەنگىلىيەگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى «سۇمرۇغ» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە ئاشكارلاپ قويغان. ئۇ: «شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، مەزكۇر سوتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بۇ خىل يامان غەرەزلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق،» دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ سوت بىلەن ئالاقىسى يوقلىقى، بۇ سوتنىڭ غەيرى ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ۋە قانۇنىي مەجبۇرلاش كۈچى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە «يامان غەرەزلىك ھەرىكەت» دەپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 12-سېنتەبىر جېڭ زېگۇاڭغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر سوتقا قاتنىشىشىنى تەكلىپ قىلغان. مەكتۇپتا ئەگەر خىتايغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر «تۆھمەت» بولىدىغان بولسا، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ سوتقا كېلىپ، سوتتىكى گۇۋاھلىقلارنىڭ «تۆھمەت» ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت