ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوت ھۆكۈمى ھەر ساھە كىشىلىرىنى تەقەززا قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-23
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا قاراپ چىقىش مەقسىدىدىكى لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى 2021-يىلىنىڭ ئۆزىدە ئىككى قېتىم چاقىرىلغان ھەمدە بىر قاتار گۇۋاھلىقلار ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئەمدى مەزكۇر سوتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىش باسقۇچى يېقىنلاۋاتقان بولۇپ، ھەر ساھە كىشىلىرى بۇ ھۆكۈمنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىكەن.

«كۈندىلىك خىرىستىيانلار» تورىنىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق سوتى ھەققىدىكى ھۆكۈمى 9-دېكابىر ئېلان قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىلىدىكەن. گۇۋاھلىق يىغىنىدا شۇنچە كۆپ ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چۈشكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلارنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتىكەن.

ھالبۇكى ئۇيغۇر دىيارىدا بىۋاستە تەكشۈرۈشتە بولغان چەتئەللىك سەيياھلار، جۈملىدىن جېففېرىي كايىن، پاترىك ۋاك، كانور خېلىي قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ تۈرلۈك دەلىللىرىنى بىۋاستە كۆرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىدا «بۇ رايونغا كەلگەندە ئۆزۈمنى شىمالىي كورىيەگە بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم» دېگەن ئىدى. رادىيومىز دەلىللىگەن كۆپلىگەن رېئاللىقمۇ بۇ ھەقتىكى نۇرغۇنلىغان دوكلاتلارنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى بولغانىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى ھۆكۈمى نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىنى تەقەززا قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت