ۋىلسون مەركىزى 1945-يىلى،چۆچەكتىكى خىتاي ھەربىي مەمۇرىي دائىرلىرىنىڭ سوۋېتكە قاچقانلىقىغا ئائىت بىر ھۆججەتنى ئېلان قىلدى


ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت تەتقىقات لايىھەسىنىڭ ئارخىپ ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدىن 1945-يىلى، 8-ئاپرىل كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللى ئارمىيەسىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلغۇچى قىسمىنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئائىت بىر پارچە مەخپىي ھۆججەت ئورۇن ئالغان. ھۆججەتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال نىكولاي ستاخانوۋ 1945-يىلى، 7-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىغا، يەنى ستالىن ۋە مولوتوۋقا مەخپىي دوكلات يوللاپ، مىللى ئارمىيەنىڭ كەڭساي3-ئاتلىق پولكى بىلەن موڭغۇل ئاتلىق ئېسكادرونىنىڭ 1800 كىشىلىك قوشۇنىنىڭ 21-ئىيۇل كۈنى تارباغاتايغا يۈرۈش قىلىپ، موپاڭ، دۆربىلجىن قاتارلىق جايلارنى، 31-ئىيۇل كۈنى بولسا چۆچەكنى ئىشغال قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئۇ يەنە 1945-يىلى، 31-ئىيۇل كۈنى چۆچەك ۋالىيسى پېڭروڭ باشچىلىقىدىكى مەمۇرىي، ھەربىي ۋە ساقچى دائىرىلەر ھەم پۇقرالاردىن بولۇپ، 1413 ئادەمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە ئۆتۈپ پاناھلانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

گېنېرال ستاخانوۋ سوۋېت چېگرا خادىملىرىنىڭ بۇلاردىن 14 پىلىموت، 487 مىلتىق، 43 تاپانچا، 65 مىڭ پاي ئوق ۋە 444 ئات يىغىۋالغانلىقىنى دوكلات قىلغان.

گېنېرال ستاخانوۋ يەنە بۇ ئۇرۇش جەريانىدا مۇستەقىل موڭغۇل ئاتلىق ئېسكادرونىغا كەڭساي 3-ئاتلىق پولكىنىڭ دۆربىلجىن ۋە چوچەكنى ئىگىلىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ياماتۇ-شىخو يۆنىلىشىگە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى، مەزكۇر قوشۇننىڭ ياماتۇدا شىخودىن كەلگەن 12 ئاپتوموبىلدىكى 300 ئەتراپىدا خىتاي پىيادە ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلغانلىقىنى دوكلات قىلغان.

ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان مەزكۇر سوۋېت ئارخىپلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا ياردەمگە ئەۋەتكەن مەخسۇس خادىملىرىدىن گېنېرال ئېگناروۋ ۋە گېنېرال لاڭفاڭ قاتارلىق ئىككى ئوفىتسېر 1944-يىلى، 12-ئايدىن تاكى 1946-يىلى، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋە جەنۇب تەرەپتە ئاقسۇ ھەم قەشقەر تەۋەسىدىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەت ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار بىخەتەرلىك كومىسسارى لاۋرېنت بېرىيانى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغان. بېرىيا بۇ مەلۇماتلارنى ستالىن، مولوتوۋ ۋە باشقا سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىغا ۋاقتى-ۋاقتىدا يوللاپ تۇرغان ئىدى.

مەزكۇر ئارخىپ ھۆججەتلىرى 1944-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەن.